ئىككى كورىيىنىڭ ھەربىي قىسىملىرى بۈگۈن جىدىي ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ
بۇ ۋەقە، ئىككى كورىيە ئوتتۇرىسىدا يەتتە يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن تۇنجى قېتىملىق توقۇنۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە تەرەپنىڭ خىتاي ھەدىيە قىلغان بىر ساقچى پاراخوتى زەخمىلەنگەن ۋە بىر ئوفىتسېرىگە ئوق تېگىپ ئۆلگەندىن كېيىن چېكىنگەن. جەنۇبىي كورىيە تەرەپ ھېچقانداق زەخمىگە ئۇچرىمىغان.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئىككى كورىيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن بۇ ھەربىي توقۇنۇش، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما جەنۇبىي كورىيىنى زىيارەت قىلىش ئالدىدا تۇرغان بىر ۋاقىتقا توغرا كەلدى. ۋەقە يۈز بېرىپ بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقى شىمالىي كورىيىگە پەۋقۇلئاددە ئەلچى ئەۋەتىپ، يىل ئاخىرىدا ۋاشىنگتون بىلەن پېنيوڭ ئوتتۇرىسىدا تۇنجى قېتىم بىۋاستە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، گەرچە بۈگۈن شىمالىي كورىيىنىڭ ئۆچ ئالىدىغانلىقىدىن ھېچقانداق شەپە بولمىسىمۇ، ئەمما ئىككى كورىيىنىڭ ھەربىي قىسىملىرى يەنىلا يۇقىرى دەرىجىلىك جىددىي ھالەتتە تۇرماقتا.