جەنۇبىي ۋە شىمالىي كورىيە ئارىسىدىكى جىددىيچىلىك خىتاينى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى

شىمالىي كورىيىنىڭ يېقىندا جەنۇبىي كورىيە ھەربىي پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان پيوڭياڭ بىلەن سېئۇل ئارىسىدىكى جىددىيچىلىك خىتاينى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-05-21
Share

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرغان. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ما جاۋشۈي "بىز ئالاقىدار تەرەپلەرنى سوغۇققانلىقنى ساقلاپ، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا، مەسىلىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ ئۆتكۈرلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشقا چاقىرىمىز" دېگەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شىمالىي كورىيىنى جازالاش تەدبىرى قوللانسا، بۇ شىمالىي كورىيە ھاكىمىيىتىنىڭ يىقىلىپ، مىليونلىغان شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرلارنىڭ خىتايغا ئېقىپ كىرىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى پيوڭياڭنى ئاگاھلاندۇرۇپ، جەنۇبىي كورىيە ھەربىي پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋېتىش ۋەقەسىنىڭ ئاقىۋىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى كروۋلىي "بۇ ئېغىر ئىغۋاگەرچىلىك ۋەقەسى، بۇنىڭ چوقۇم جاۋابكارلىقى بولىدۇ" دېگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت