جەنۇبىي كورىيىنىڭ ياردەم پاراخوتلىرى شىمالىي كورىيە تەۋەسىگە كىردى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن جەنۇبىي كورىيىنىڭ ئىككى ياردەم پاراخوتى، شىمالىي كورىيە قاتتىق كونترول قىلىۋاتقان دېڭىز تەۋەسىگە كىردى. جەنۇبىي كورىيىنىڭ بۇ ياردەم پاراخوتلىرىغا بالىلار سۈت پاراشوكى قاتارلىق 320 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق ياردەم ئەشيالىرى يۈكلەنگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-06-09
Share

جەنۇبىي كورىيە ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارىلاپ قويۇشىچە، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مەشىقى 6‏ - ئاينىڭ 11‏ - كۈنىگە قەدەر سېرىق دېڭىزدا داۋاملىشىدىكەن.

تارىختا خىتاينىڭ چىڭ سۇلالىسى بىلەن غەربنىڭ سەككىز دۆلەت قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن جايدا داۋاملىشىۋاتقان بۇ بىرلەشمە ھەربىي مەشىققە، ئامېرىكىنىڭ 'جورج ۋاشىنگتون' بەلگىلىك ئاۋىئاماتكىسىمۇ قاتناشقان.
 
 
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت