د ئۇ ق، خىتاينىڭ ئىلھام توختىنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى يوقلىشىنى چەكلىگەنلىكىنى ئەيىبلىدى

مەركىزى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جۈمە كۈنى رادىئومىزغا بايانات ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى ئىلھام توختىنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئۇرۇق -تۇغقانلىرىنى يوقلىشىنى چەكلىگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.10.01

قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ ۋەقە ئىلھام توختىنىڭ يۇرتى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى يوقلاش ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساياھەت ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي يەرلىك ھاكىمىيىتىنىڭ كۈچىيىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ تىزگىنىدىن چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

ئىلھام توختى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىدىن پايدىلىنىپ ئۈرۈمچى، ئاتۇش قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلىپ، بۇ يۇرتلاردىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى يوقلىماقچى بولغان. دائىرىلەر دەسلەپتە ئۇنىڭ يۇرتىغا بېرىشىغا قوشۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ 30 - چېسلا يولغا چىقىشتىن سەل بۇرۇن بېيجىڭ شەھەرلىك دائىرىلەر ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ يۇرتىغا بېرىشى رەت قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار ئەربابلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بېرىپ ئىككى كۈندىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ئىلھام توختىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ ۋەقەگە جاۋابكار كىشىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئۇنىڭ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. لېكىن، بېيجىڭدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن ج خ نازارىتىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى ئىجرا قىلىنمىغان.

بۇ خەۋەر خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەسمىي ئېتىراپ قىلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىلھام توختى "7‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن، بىر مەزگىل سولاپ قويۇلغان ئىدى.

بەزى ئانالىزچىلار بېيجىڭ دائىرىلىرى ئىلھام توختى يۇرتىغا بارسا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىشىدىن ئەنسىرىگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
 
دىلشات رىشىت ئىلھام توختى ۋەقەسى "شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي كۆچمەنلەر ھاكىمىيىتىنىڭ كۈچى زورىيىپ، 1920 ۋە 30 - يىللاردىكىدەك بېيجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان خىتاي كۆچمەنلىرى "ئۆزى خان، ئۆزى بەگ" بولۇۋالىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ،" دەپ كۆرسەتتى.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.