ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خەلق ئىشلار ئىدارىسى 23 - فېۋرال كۈنى ئېلان قىلغان مەلۇماتقا قارىغاندا، يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئىلى ۋادىسىدا يۈز بەرگەن تاشقىن ئاپىتىدە 3 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي ئۆرۈلگەن، 5 مىڭ تۇياق چارۋا ئۆلگەن، 70 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىغان. ئومۇمى ئىقتىسادىي زىيان 1 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ.
مەزكۇر خەلق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان مەلۇماتىغا قارىغاندا، تۈنۈگۈن كەچتە نىلقىدا شىددەتلىك قار كۆچۈش يۈز بېرىپ، تۆمۈركان ئىشچىلىرىدىن 13ى قار ئاستىدا قالغان، 4 ئادەم ئىز - دېرەكسىز يوقالغاندىن كېيىن، ئوبلاستتىن قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتىلگەن.