ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئىران ھۆكۈمىتىنى ئەيىپلەش ھەققىدە قارار ماقۇللىدى
ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، بىر ھەپتىدىن بۇيان ئىراندا پرېزىدېنت سايلىمى مەسىلىسى ئۈستىدە جىدىي سياسىي رېقابەت داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا، سايلام بېلىتى ھەققىدىكى مەلۇماتقا گۇمانلىنىپ، قايتىدىن ساناشنى تەلەپ قىلغان خەلقنى باستۇرۇش بەدىلىگە ئەخمەدى نىجات داۋاملىق ھوقۇق تۇتۇۋاتىدۇ.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغان بۇ قاراردا، 'ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق، پۇقرالىق ئەركىنلىكى ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش قىممەت قارىشىغا ئېتىقات قىلىدىغان بارلىق ئىران پۇقرالىرىنى قوللاش؛ ھۆكۈمەتنىڭ دېموكراتىك سايلام ھەققىدىكى پىكىرلەرنى باستۇرغانلىقىنى ۋە خەلقنىڭ ئەركىن پىكىر بايان قىلىشىنى چەكلەش ئۈچۈن ئىنتېرنېتكە، يانفونلارغا كاشىلا قىلىۋاتقاننلىقىنى ئەيىپلەش لازملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.