ئەخمەدى نىجاد پرېزىدېنت ئوبامانى ئىراننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا چاقىردى

ئىراندا 12 - ئىيۇندىكى سايلامنىڭ نەتىجىسىگە بولغان نارازىلىق بىلەن باشلانغان قالايمىقانچىلىقلار داۋام قىلماقتا. بۇ جەرياندا ھازىرغىچە 17 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى مەلۇم.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009-06-25
Share

گەرچە ئىران ھۆكۈمىتى بۇ قالايمىقانچىلىقلاردىن كېيىن چەتئەللىك مۇخبىرلارنى قوغلاپ تېلېۋىزىيە ۋە ئاخباراتنى قاتتىق كونترول ئاستىغا ئالغان بولسىمۇ، 16 ياشلىق نامايىشچى قىزنىڭ بوينىدىن تەگگەن ئوق بىلەن كامېرالار ئالدىدا ئېچىنىشلىق ھالدا جان بەرگەن كۆرۈنۈشى دۇنيا خەلقىنى قاتتىق چۆچۈتكەن ئىدى.

ۋەقەلەرنىڭ زورىيىپ كېتىشى بىلەن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئوچۇق بىر ئىپادە بىلدۈرمەي كەلگەن ئامېرىكا پرېزدېنتى باراك ئوباما ئىراننىڭ بۇ قاتتىق پوزىتسىيىسىنى تەنتقىدلەپ نامايىشچى ئاممىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشى، تاياق يېيىشى ۋە قولغا ئېلىنىشغا پۈتۈن دۇنيانىڭ غەزەبلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆلگەن گۇناھسىز كىشىلەر ئۈچۈن قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى ئىپادە قىلدى. ئۇ يەنە پەرقلىق پىكىرلەرنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنۇشنىڭ ھېچبىر ۋاقىت بۇ پىكىرلەردىن قۇتۇلۇشقا ئېلىپ بارمايدىغانلىقىنى دېدى.

بۈگۈن يەنە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ 4 - ئىيۇندىكى مۇستەقىللىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان تەبرىكلەش پائالىيتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئىرانلىق دېپلوماتلارغا قىلىنغان تەكلىپنى قايتۇرۇۋالدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون خانىم بۇ ھەقتىكى سۇئالغا، ئىراندىكى خەلققە باستۇرۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندا ئىرانلىق دېپلوماتلارنىڭ بۇنىڭغا قاتنىشىشى توغرا ئەمەس دېگەن.

غەرب ئەللىرىنى ئىراننى قالايمىقان قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەن ئەخمەدى نىجاد بۈگۈن باراك ئوبامانىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئەيىبلەپ، ئۇنى ئىراننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا چاقىردى ۋە ئوبامانىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىسىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا دىئالوگ باشلىتىلىشىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى دېدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت