ئىران ب د ت ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ يادرو قوراللار تەرەققىياتى ھەققىدىكى دوكلاتىنى رەت قىلدى

ب د ت ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسى پەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئىراننىڭ يادرو قوراللارنى يوشۇرۇن راۋاجلاندۇرۇۋاتقانلىقىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن بۈگۈن ئىراننىڭ ئالىي دىنىي رەھبىرى ھامەينىي ئىراننىڭ يادرو قوراللارغا ئېرىشىش نىيىتى بارلىقىنى رەت قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.02.19

ب د ت ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ تۈنۈگۈنكى دوكلاتىدا "بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار ئىراننىڭ بۇرۇن ۋە ھازىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا يادرو ئەسلىھەسى ئورۇنلاشتۇرۇشنى يوشۇرۇن راۋاجلاندۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەردە بولۇۋاتقانلىقىغا دائىر گۇمان پەيدا قىلىۋاتقانلىقى"نى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا بولسا، بۇ دوكلات ئىراننىڭ يادرو پائالىيىتىگە دائىر ئەندىشىسىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ"ئىراننىڭ خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتىن باش تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ" دېگەن.

لېكىن، جۈمە كۈنى ئىراننىڭ ئالىي دىنىي رەھبىرى ئاياتۇللاھ ھامەينىي ئىراننىڭ يادرو قوراللارغا ئېرىشىش نىيىتى بارلىقىنى رەت قىلىپ، "ئىران يادرو قوراللىرىغا ئىشەنمەيدۇ ۋە يادرو قوراللىرىنى تەرەققى قىلدۇرمايدۇ" دەپ تەكىتلىگەن شۇنداقلا خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ دوكلاتىنى "سەپسەتە" دەپ ئەيىبلىگەن.

رۇسىيە بىلەن گېرمانىيە بولسا جۈمە كۈنى ئىراننى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئىراننىڭ تالاش - تارتىشتىكى يادرو پىلانى ئىراننى ب د ت نىڭ ئىمبارگوسىغا دۇچار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىران پرېزىدېنتى ئەھمەدىنىجاد يېقىندا ئىراننىڭ قويۇقلۇقى 20% لىك ئۇران ئىشلەپچىقارغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇراننىڭ قويۇقلۇقى 90% كە يەتكۈزۈلسە يادرو قوراللىرىنى ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.