ئىران ئۆكتىچىلىرى نامايىشتا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى پەيشەنبە كۈنى خاتىرىلەشكە چاقىردى

ئىران سايلىمىدىكى يەنە بىر نامزات كاررۇبى بۈگۈن، نامايىشچىلارنى پەيشەنبە كۈنى تېھراندا چوڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، نامايىشتا ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنى خاتىرىلەشكە چاقىردى. ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، 10 نەچچە كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلاردا ئۆلتۈرۈلگەن ئادەم سانى بۈگۈن 17گە يەتكەن ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-06-23
Share

ب د ت نىڭ باش كاتىبى بان كىمۇن بۈگۈن ئىراننى ئادەم تۇتۇشنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى. ئۇ چاقىرىقىدا، ئىراندا 'خەلقنىڭ توپلىنىش ۋە پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكى' گە ھۈرمەت قىلىنىشى لازىملىقىنى ۋە ھەر تەرەپ ئىختىلاپلارنى تىنچ شەكىل بىلەن قانۇنلۇق ھەل قىلىشى لازىملىقىنى كۆرسەتتى.

بۇ ۋاقىتتا، ئىراندا ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرى بارغانىسرى كۈچلىنىپ، نامايىشچىلار ھالسىراۋاتقان ۋاقىتتا، كاررۇبى خەلقنى تېخىمۇ چوڭ نامايىش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.

ئىراندا بىر قىسىم خەلق پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىگە نارازى بولۇپ نامايىش قىلغاندىن كېيىن، بۇنداق نامايىشلار قوراللىق باستۇرۇلۇشقا يۈزلەندى. ئەمما نامايىش توختىمىدى. تۈنۈگۈن ئىراننىڭ ئەڭ ئالىي دىنىي رەھبىرى خامېينىينىڭ ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەت قىسىملىرى نامايىىشچىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەندىن كېيىنمۇ نامايىش توختىمىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت