ماخمۇد ئەخمەدىنىجات قازاقىستاننى زىيارەت قىلىدۇ
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009.04.05
2009.04.05
"قازتاگ" ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەخمەدى نىجات بىلەن نازاربايېۋ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالايدۇ.
قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ئەرجان ئاشىكبايېۋنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىككى پرېزىدېنت ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سىياسىي، سودا - ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق كۆپ ساھەلەر بويىچە ئالاقىلارنى كۈچەيتىش ھەققىدە سۆھبەتلىشىدۇ شۇنىڭدەك رايون ۋە خەلقئارا خاراكتېرلىق بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇدۇ.
نۆۋەتتە، ئىران بىلەن قازاقىستاننىڭ سودا ھەمكارلىقى يىلدىن يىلغا ئاشقان بولۇپ، سودا مىقدارى بەش يىل ئىچىدە دەسلەپكى 400 مىليون دوللاردىن 2 مىليارد 990 مىليون دوللارلىق سەۋىيىگە يەتكەن. قازاقىستان ئىرانغا ئاساسەن نېفىت خام ئەشياسى ۋە تەبىئىي گاز چىقىرىدۇ. ئىران قازاقىستاننىڭ ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى دۇنيا بازىرىغا چىقىرىشىدىكى مۇھىم ئۆتكەللىك رولىنى ئوينايدىكەن.
ماخمۇد ئەخمەدى نىجات زىيارەت جەريانىدا گۇمىلېۋ نامىدىكى ياۋرو - ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇقۇت سۆزلەيدىكەن. ھازىر ئىراننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم .