تۈركىيە ئىرانغا سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشۈپ بىر كۈندىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە ئىرانغا دوستانە ۋە سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012-08-08
Share

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىر ئېلى ئەكبەر سالېھى سەيشەنبە كۈنى سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان ئىران پۇقرالىرىنى قۇتۇلدۇرۇشتا تۈركىيىنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە سۈرىيە قوزغىلىڭىدىن كېيىن يىرىكلەشكەن تۈرك-ئىران مۇناسىۋەتلىرىنى يۇمشىتىش ئۈچۈن تۈركىيىگە كەلگەن ئىدى.

بۇ ھەپتە ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارى گېنېرال ھېسسەن فىروزئابادى تۈركىيە، قاتار ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى سۈرىيىدىكى كرىزىسلارنىڭ ئۇلغىيىشىغا سەۋەبچى دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

بۇ ھەقتە توختالغان داۋۇتئوغلۇ: بىز ئىران ۋە تۈركىيىدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى باياناتلارنى بەرگەندە سەل ئويلاپراق سۆزلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىزنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى مەيدانىمىز سالېھى ئەپەندىگە سەمىمىي ۋە دوستانە يوسۇندا چۈشەندۈرۈلدى، دېدى.

سۈرىيە ئارمىيىسى ئۆتكەن ئايدا تۈركىيىنىڭ بىر كۈرەشچى ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېخىمۇ جىددىيلەشكەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت