ئامېرىكا: 'يېڭى پىلان ئىراننى تېخىمۇ يالغۇز قالدۇرۇدۇ'

ئىران ئالدىنقى كۈنى ئۆزىنىڭ يېڭى ئۇران ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى ئېلان قىلغان؛ بۇ پىلان بويىچە ئۇران ئىشلەپچىقىرىش ئورنىدىن يەنە 10 نى يېڭىدىن تەسىس قىلىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009-12-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى سۇزان رايس خانىم، تۈنۈگۈن ئىران مەسىلىسى ھەققىدە پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئىراننىڭ يېڭى ئۇران ئىشلەپچىقىرىش پىلانى ئىراننى خەلقئارا جامائەت ئىچىدە تېخىمۇ يالغۇز قالدۇرىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇردى.

سۇزان خانىم، ئىراننىڭ مەزكۇر پىلانىنى " قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر پىلان " دەپ ئەسكەرتكەندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: "بىز ئىزچىل ھالدا ئىرانغا ئىككى خىل يولدا مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتىمىز؛ بىرى ھەمكارلىق يولى ؛ يەنە بىرسى بېسىم ئىشلىتىش يولى. ئىراننىڭ بۇ قېتىمقى پىلانى ئۇنىڭ ھەمكارلىق يولىنى خالىمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى، شۇڭا بىز ئەمدىلىكتە ئىككىنچى خىل يولنى ئاساس قىلىمىز."

خىتاي بۈگۈن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئىران مەسىلىسىدە دىپلوماتىك چارىنى ئاساس قىلىشنى تەكىتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە ئىران ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ يېڭى ئۇران پىلانىنىڭ ئېلىكتىر ئېنېرگىيىسى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشىدا پايدىلىنىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا تەرەپ بولسا، بۇنىڭ يادرو قوراللىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

تولۇق بەت