ئىران ئۆزىنىڭ تۆت نەپەر كۇرت بۆلگۈنچىلىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران بىخەتەرلىك دائىرىلىرى يەكشەنبە كۈنى ئىراننىڭ غەربىي شىمالىدىكى سەردەشت رايونىدا تۆت نەپەر كۇرت بۆلگۈنچىسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. بۇ ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق توقۇنۇشتىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق ۋەقە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2010.02.21

سەردەشت كۇرتچە سۆز بولۇپ، مەزكۇر جاي ئىراقنىڭ كۇرتلار كۆپ سانلىق رايونلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، ئۇنىڭ شىمالىي تەرەپلىرىگە بولسا، ئىران تەۋەسىدىكى ئەزەربەيجان ئۆلكىسى جايلاشقان.

1987 - يىلى، ئىراق رەھبىرى سادام ھۈسەيىننىڭ سەردەشتىدە كۇرتلارغا قارىتا بىر قېتىملىق خىمىيىلىك قوراللار ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقى مەلۇم. مۇتەخەسسىسلەر ئىراقنىڭ غەربىي تەرەپلىرىدىكى تۈركىيە، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرىداش جايلارغا خېلى كۆپ ساندا كۇرتلار جايلاشقانلىقى، تۈركىيە ۋە ئىراق ھەم ئىران تەۋەسىدىكى كۇرتلارنىڭ بىرلىشىپ، بىر سىياسىي گەۋدە بولۇش نىيىتىدە بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

كۇرتلارنىڭ قوراللىق ھەرىكەتلىرى تۈركىيە تەۋەسىدە قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئىران تەۋەسىدىكى ھەرىكەتلىرى ئانچە كۆزگە كۆرۈلمىگەن ئىدى.

ئىران دائىرىلىرى كۇرتلارنىڭ ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدىكى بىر توقۇنۇشتا ئۈچ نەپەر ئىران ساقچىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ھەمدە ئىران بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ مەلۇم مىقداردا قورال - ياراق ۋە قول بومبىسىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ئىدى.

ئىران كۆپ مىللەتلىك مەملىكەت بولۇپ، ئىرانغا تەۋە ئەزەربەيجان ئۆلكىسىدە زور ساندا تۈركىي تىللىق ئەزەرىلەر ياشايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.