تېھراندا نامايىشچىلار باستۇرۇلدى

ئىران ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي، دۈشەنبە كۈنى تېھران شەھەر مەركىزىدىكى ھافت-ئېتىر مەيدانىغا يىغىلىپ، نامايىش قىلغان سانى تەخمىنەن 1000 ئەتراپىدىكى نامايىشچى ئامما ئىران ساقچى قىسىمى ۋە ئىسلامى پىدائىيلار ئەتىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، مەجبۇرىي تارقىتىۋىتىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-06-22
Share

ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر ساقچى ۋە ئىسلام پىدائىيلىرىنىڭ نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتقانلىقىنى ۋە ۋە ئوق چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىران دۆلەت رادىئوسى تېھراندىكى كوچا نامايىشىدا شەنبە كۈنى ئاز دېگەندە 457 نەپەر كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، 10 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مەلۇماتىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 17 گە چىققان.

ئىران ئىسلام مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنى بولسا نامايىش توختىمىغان تەقدىردە "ئۈزۈل كېسىل ۋە ئىنقىلاب خاراكتىرلىك" تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ئۆكتىچىلەر رەھبىرى ھۆسەيىن مۇساۋى بولسا قوللىغۇچىلىرىنى نامايىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا، لېكىن "ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ " تېخىمۇ كۆپ قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرغان.

ئىران ھۆكۈمىتى چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ پائالىيىتىنى توساپ، ئىراندىكى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ كوچىغا چىقىشىنى چەكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىرانلىقلار تور بېكەتلىرىدىن پايدىلىنىپ تاشقى دۇنياغا ۋەقەنىڭ تەرەققىياتىغا ئائىت تۈرلۈك خەۋەرلەرنى يوللىماقتا.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئىران دائىرىلىرى ئامېرىكا "ھەپتىلىك خەۋەرلەر" ژۇرنىلىنىڭ كانادا تەۋەلىكىدىكى بىر مۇخبىرىنى قولغا ئالغان. تېھران ھۆكۈمىتى بۇ مۇخبىرنىڭ قولغا ئېلىنىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگەن. ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژورنىلى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىران دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت