ئىراقتا يەنە پارتلاش

يەكشەنبە كۈنى باغداد شەھىرىدە يەنە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىق پارتلاش يۈز بېرىپ، 28 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009.03.08
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خەلقئارا ئاگېنتلىقلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، موتورسكىلىت مىنگەن بىر كىشى بىر ساقچى قوبۇل قىلىش مەركىزىگە بېسىپ كىرىپ، ئۆزىنى پارتلاتقان بولۇپ، نەتىجىدە 28 ئادەم ئۆلگەن ۋە 57 ئادەم يارىلانغان. مەزكۇر ساقچى مەركىزى بىر قانچە قېتىم زەربىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدىكى ھۇجۇمدا 15 ئادەم ئۆلگەن ئىكەن.

يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئىراقتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىق ھۇجۇملار بىر قەدەر ئازايغانلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى ھەم ئامانلىقىنىڭ ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئىراقتا تۇنجى قېتىملىق دېموكراتىك ۋە تىنچ سايلام بولۇپ ئۆتكەن ئىدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوباما ھۆكۈمىتىمۇ بۇ يىل 9 - ئايدا ئىراقتىكى قوشۇنلاردىن 12 مىڭ ئادەمنى ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى، بارلىق قوشۇنلارنىڭ ئاساسەن 2010 - يىلىغىچە تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.