ئامېرىكىدا ئىرقچىلىق قىلىپ ئىككى كىشىنى ئۆلتۈرگەن ئامېرىكىلىقنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى

ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدا 2001-يىلى 11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۆچ ئېلىش نىيىتى بىلەن ئىككى كىشىنى تاپانچا بىلەن ئۆلتۈرۈپ، بىر كىشىنى يارىلاندۇرغان مارك سترومان ئىسىملىك ئامېرىكىلىقنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011.07.21
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مارك سترومان تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، ئۆلگەنلەرنىڭ بىرى ھىندىستانلىق، بىرى پاكىستانلىق بولۇپ، مارك سترومان ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ بۇ كىشىلەرنى «ئەرەب» دەپ ھېسابلاپ، ئۆچ ئېلىش نىيىتى بىلەن بۇنداق بىر جىنايەتنى سادىر قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

ئامېرىكا سوتى ئۇنىڭغا ئىرقچىلىق قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئادۋوكاتى ۋە شۇ قېتىملىق ھۇجۇمدا يارىلىنىپ بىر كۆزىدىن ئايرىلغان بېنگاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم كىشىلەر ئىمزا يىغىپ، ئۇنىڭ ئەپۇ قىلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىنىڭ تۈرمە جازاسىغا ئۆزگەرتىلىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما سوت مەزكۇر تەلەپنى رەت قىلغان. چارشەنبە كۈنى ئاخىرقى قارارنىڭ بېكىتىلىشى بىلەن ئۇنىڭ ئۆلۈم جازاسى كەچتە زەھەرلىك يىڭنە ئارقىلىق ئىجرا قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت