ئىسلام كەرىموف بىلەن خۇ جىنتاۋ ئاشخابادتا ئۇچراشتى

13 - دېكابىر كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف بىلەن ئاشخابادتا ئۇچرىشىپ، ئىككى مەملىكەت مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯜﺩﯞﺍﺭ
2009-12-13
Share

فەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسلام كەرىموف تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى قۇربانگۈل بەردى مۇھەممەدوفنىڭ رەسمىي تەكلىپىگە بىنائەن تۈركمەنىستاننى زىيارەت قىلىشقا كەلگەن ھەمدە دۈشەنبە كۈنى ئوتتۇرا ئاسىيا - خىتاي تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ ئىسقا كىرىشتۈرۈلۈش مۇراسىمىغا قاتناشماقچى ئىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ ئىسلام كەرىموف بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە جۇڭگونىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقى ھەمدە ئۆزبېكىستاننىڭ جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇھىم ھەمكارلىشىدىغان شېرىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

خۇ جىنتاۋ ئىسلام كەرىموف بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەركىبىي قىسىمى سۈپىتىدە ئاتالمىش "ئۈچ خىل كۈچ"كە زەربە بېرىش مەسىلىسىنى تەكىتلىگەن. ئىسلام كەرىموفمۇ جاۋابەن، "خىتاينىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە ئەڭ ئىشىنىشكە بولىدىغان دوستى ئىكەنلىكى"نى تەكىتلەش بىلەن بىرگە تاشكەنتنىڭ خىتاينىڭ "تىبەت مۇستەقىللىقى"، "تەيۋەن مۇستەقىللىقى" ھەمدە "ئۈچ خىل كۈچكە" ئورتاق قارشى تۇرۇشىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆزبېكىستان بىلەن خىتاينىڭ ئارىسىدا زور مىقداردا تەبىئىي گاز كېلىشىمى بار بولۇپ، خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ تەبىئىي گازلىرىنى سېتىۋېلىش جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كەلگەن رۇسىيىنىڭ ئېنېرگىيە مەنپەئەتلىرىگە سەلبىي ئىنكاس پەيدا قىلىدىغانلىقى، ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا تەبىئىي گاز ئويۇنى ئويناۋاتقانلىقى تەھلىل قىلىنماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت