غەرب دۆلەتلىرى ئىسلامىي بانكىلارنىڭ قائىدە ‏- تۈزۈملىرىنى ئۆگىنىشكە باشلىدى

كۆپلىگەن ئىسلامىي بانكىلارنىڭ دۇنيا پۇل مۇئامىلە كرىزىسىدىن زىيان كۆرمىگەنلىكى، نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنى ئىسلامىي بانكىلارنىڭ قائىدە - تۈزۈملىرىنى ئۆگىنىشكە ۋە ئۇلاردىن ئۈلگە ئېلىشقا ئۈندىمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺕ
2008.12.24

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا فرانسىيە ھۆكۈمىتى بۇ دۆلەتتە ئىسلامىي تۈزۈم يەنى قۇرئان كەرىمدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پرىنسىپلار ئاساسىدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان بانكىلارنىڭ پائالىيەت قىلىشىغا يول قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، فرانسىيە مالىيە مىنىستىرى كىرىستىن لىگاردى، پارىژنى بىر بۈيۈك ئىسلام مالىيە مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، مەۋجۇت قانۇن ۋە تۈزۈملەرگە ئۆزگىرىش كىرگۈزىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. ئۇ يېقىندا فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا قىلغان سۆزىدە، "دۇنيادا ئوچۇقلۇق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىققا تايانغان يېڭى خەلقئارالىق پۇل مۇئامىلە پرىنسىپلىرىنى بېكىتىش ئۈچۈن غەرب دۆلەتلىرى پۇل مۇئامىلە مۇتەخەسسىسلىرى ئىسلام دۇنياسىدىن ئۆگىنىدىغان بەزى نەرسىلەر بار،" دېگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نۆۋەتتە ئىسلامىي قائىدە - تۈزۈم بىلەن يەنى ئىسلامىي قانۇن - پرىنسىپلار ئاساسىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بانكىلارنىڭ جەمئىي مەبلىغى 700 مىليارد دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، مەزكۇر بانكىلارنىڭ مەبلىغى ھەر يىلى 10 پىرسەنت بىلەن 30 پىرسەنت ئارىسىدا كۆپەيمەكتە ئىكەن.

گەرچە ئىسلامىي بانكىلار غەرب پۇل - مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان كۈچ ۋە قۇدرەتكە ئىگە بولمىسىمۇ، غەرب دۆلەتلىرى پۇلغا ئېھتىياج بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇن كىشىلەر ئىسلامىي بانكىلارنى پۇل يېغىشنىڭ يەنە بىر چارىسى دەپ قارىماقتا.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.