ئىسپانىيە ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىقلار ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرزىنى سوراشنى بىكار قىلدى

ئىسپانىيە ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىسپانىيىلىك سوتچى تىبەتلەرنىڭ 2008 ‏- يىلى 3 ‏- ئايدا يۈز بەرگەن لخاسا ۋەقەسىدە خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ "ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى" سادىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسپانىيە سوت مەھكىمىسىگە يوللىغان ئەرزىنى كۆرۈپ چىقىشنى بىكار قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-02-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئىسپانىيىدىكى "تىبەتنى ھىمايە قىلىش كومىتېتى" ئىسپانىيىدىكى بىر يەرلىك سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن، تىبەت پارتكومىنىڭ سېكرېتارى چاڭ چىڭلى، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لياڭ گۇاڭليې ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى گېڭ خۇيچاڭ قاتارلىق 8 ئەمەلدارنى جاۋابكارلىققا تارتقان ئىدى.

ئىسپانىيىلىك سوتچى سانتياگو پېدراز، 2008 ‏- يىلى 8 ‏- ئايدا ئىسپانىيە قانۇنىغا ئاساسەن ئىرقىي تازىلاش ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتىنى ئىسپانىيە سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 2008 ‏-يىلى 8 ‏- ئايدا "تىبەتنى ھىمايە قىلىش كومىتېتى"نىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

بۇنىڭ بىلەن ئىسپانىيە خىتاينىڭ كۈچلۈك دىپلوماتىك بېسىمىغا ئۇچراپ، ئىسپانىيە پارلامېنتى ئىسپانىيىنىڭ يېقىندا بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزگەن ئىدى. قانۇندىكى بۇ ئۆزگىرىش سوتچى پېدرازنىڭ تىبەت دېلوسىنى كۆرۈپ چىقىشنى بىكار قىلىشىغا سەۋەب بولدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت