ئىسرائىلىيە "ماۋى مارمارا ۋەقەسى" گە دائىر تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى

ئىسرائىلىيە 31 - ماي كۈنى گازاغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇمى ئېلىپ ماڭغان بىر خەلقئارا كېمە ئەترىتىنى قوراللىق توساش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان، "ماۋى مارمارا ۋەقەسى"نى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تاماملىدى. دوكلاتتا، ئىسرائىلىيىنىڭ ۋەقەگە تەييارلىقى يىتەرلىك بولمىغانلىقى، ئىسرائىيە يۇقىرى قاتلىمىدا سەۋەنلىك سادىر قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.07.12

ئىسرائىلىيە ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرىنى ئىشقا سېلىپ، تۈركىيە ئىنسانى ياردەم ۋەخپى قاتارلىق خەلقئارا ياردەم ئەترىتىنىڭ گازاغا ياردەم بۇيۇمى ئېلىپ ماڭغان كېمە ئەترىتىنى توسىغان. ۋەقەدە كېمىدىكىلەر بىلەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، "ماۋى مارمارا" كېمىسىدىكى 9 نەپەر تۈركىيىلىك خەير ساخاۋەتچى پىدائىي ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

دوكلاتتا يەنە، ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ ھەرىكەت پىلانى ۋە ئاخبارات خىزمىتى ياخشى ئىشلەنمىگەنلىكى، ھەرىكەتكە قوماندانلىق قىلغۇچىلارنىڭ بىرلا پىلانغا تايىنىپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مەزكۇر دوكلات تۈركىيىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالماسلىقى مۇمكىن. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋەقەنى خەلقئارا جەمئىيەت تەكشۈرۈشنى، ئىسرائىلىيىنىڭ ئەپۇ سورىشىنى ۋە ئۆلگەنلەرگە نەپىقە بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا. "ماۋى مارمارا ۋەقەسى" تۈركىيە - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، ئامېرىكىنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ 87 نەپەر ئەزاسى دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا خەت يېزىپ، تۈركىيە ئىنسانى ياردەم ۋەخپىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا، بۇ ۋەخپىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.