نورۋېگىيە ئەلقائىدىگە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان گۇماندارلارنىڭ پارتلىتىش پىلانى تۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

نورۋېگىيە تەپتىش دائىرىلىرى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، راشىددىن مۇھەممەت قاتارلىق 3 نەپەر ئەلقائىدە گۇماندارىنىڭ پارتلىتىش ئېلىپ بېرىش پىلانى بارلىقىنى ئېلان قىلدى. نورۋېگىيە ن ت ب ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەپتىش ئەمەلدارى سىگنې كاسېرىن ئاللىڭ بۇ 3 كىشىنىڭ نورۋېگىيىدە بىر ياكى بىر قانچە يەرگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھېدروگىن پېرئوكسىد بومبىسىنى ياساشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-07-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ نورۋېگىيە دائىرىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم گۇماندارلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش پىلانى قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدۇر. ئۆتكەن ھەپتە نورۋېگىيە تەپتىش ئەمەلدارى جېين گلەنت، گۇماندارلارنىڭ ئەلقائىدە بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ نيۇيورك ۋە مانچىستېردىكى تېررورلۇق پىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن گۇماندارلارنىڭ پارتلىتىش پىلانى قۇرغان - قۇرمىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرمىغان ئىدى.

3 كىشىلىك ئەلقائىدە گۇرۇپپىسىنىڭ ئىچىدىكى مىكائىل دەيۋىد ئىسىملىك گۇماندارنىڭ مىللىتى ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇ 1999 - يىلى نورۋېگىيىگە كېلىپ پاناھلىق تىلىگەن. 39 ياشلاردىكى مىكائىل دەيۋىدنىڭ ئەسلى ئىسمى راشىددىن مۇھەممەت بولۇپ، سۈيدۆڭلۈك ئۇيغۇرلاردىن ئىدى. گۇماندارلار دۈشەنبە كۈنى ئوسلودا سوت مەھكىمىسىگە چىقىرىلغان. ساقچى تەرەپ ئۇلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۈش قەرەلىنى ئۇزارتىشنى تەلەپ قىلىپ، يەنە 4 ھەپتىلىك سۈرە بېرىلىشنى ئىلتىماس قىلغان. تۇتقۇنلاردىن ئۈزبېك گۇماندارنىڭ ئادۋوكاتى نورۋېگىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا مەلۇمات بېرىپ، ئۆزبېك گۇماندارنىڭ 2009 - يىلى 11 - ئايدىن بۇيان نورۋېگىيە بىخەتەرلىك ساقچىسىنىڭ تىڭتىڭچىسى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت