ئىسرائىلىيىنىڭ غەززە رايونىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمى سەۋەبلىك ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى جىددىيلەشتى

ئىسرائىلىيىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى سەۋەبلىك ئوتتۇرا شەرقتە جىددىي ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكى بىرنەچچە كۈندىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ مۇھىم خەۋەر تېمىسىغا ئايلاندى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012-11-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پەلەستىندىكى خاماس تەشكىلاتى خادىمىنىڭ ئاخبارات ئورۇنلىرىغا بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيىنىڭ پەلەستىننىڭ غەززە رايونىغا قىلغان ھاۋادىن بومباردىمان قىلىش ھەرىكىتى 19-نويابىر دۈشەنبە كۈنى 6-كۈنىگە قەدەم قويغان. بىر ھەپتە ئىچىدە غەززە رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 105 كىشىگە يەتكەن. باشقا خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خاماس تەشكىلاتىمۇ 19-نويابىر دۈشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيىگە قارىتىپ، 100 نەچچە پاي راكېتا ئاتقان بولۇپ، ئەمما ئىسرائىلىيە تەرەپتە يارىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە سەيشەنبە كۈنىگە قەدەر خەۋەر بېرىلمىدى.

ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئامېرىكا، تۈركىيە، رۇسىيە، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەر رەھبەرلىرى ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئوتتۇرا شەرقتىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە چاقىرىق قىلماقتا. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 20-نويابىر سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ دۈشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتىن ياخو ۋە مىسىر پرېزىدېنتى مورسىغا ئايرىم-ئايرىم تېلېفون قىلىپ، جىددىيلىشىۋاتقان غەززە رايونى ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كى مونمۇ دۈشەنبە كۈنى قاھىرەگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، بان كى مون ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتىن ياخۇ ۋە پەلەستىن رەھبىرى ئابباس بىلەن كۆرۈشكەن. تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاننىڭ ئىسرائىلىيىنىڭ غەززە رايونىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا پۇقرالارنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسرائىلىيىنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى ۋە خاماس تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش قارارى ئالغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت