ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىبېرمەن خىتاينى ئىران مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى

ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىبېرمەن جۈمە كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ: ئەگەر ئىران يادرو مەسىلىسىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمىسا، ئىسرائىلىيىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى بار، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ بۇ سۆزلەرنى بېيجىڭدا تەكىتلىگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012-03-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ئىران بىلەن سودا، ئىقتىسادى ۋە تېخنىكا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زىچ دۆلەت. ئۇ، ئىرانغا قورال ئىشلىتىشكە ئىزچىل قارشى تۇرۇپ، مەسىلىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن ئىدى. لېكىن، لىبېرمەن جۈمە كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا ئەسكەرتىپ: بىز ئۈچۈن بېيجىڭغا ئۆزىمىزنىڭ مەيدانىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئىنتايىن مۇھىم. بىز، خىتاينىڭ مەيدانىمىزنى بىلىپ قېلىشى، بىز دىققەت قىلىۋاتقان ۋە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىنى چۈشىنىۋېلىشى زۆرۈر، دەپ قارايمىز، دېگەن.

ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ يادرو قوراللار تەرەققىياتى ئىسرائىلىيىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەگەر ئىران داۋاملىق يادرو قوراللار پىلانىنى يولغا قويسا، ئۇنىڭغا ھەربىي ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلدى. لېكىن لىبېرمەن يەنە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ 6 تەرەپ سۆھبىتى ۋە ئىرانغا ئېمبارگو قويۇش ئارقىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى، بىراق بۇ ئۈنۈم بەرمىسە، ئىسرائىلىيە «بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش» نى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياخۇ يېقىندا ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت ئوباما بىلەن مەخسۇس ئىران مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. پرېزىدېنت ئوباما ئىرانغا دەرھال قورال ئىشلىتىشكە قارشى چىقىپ، ئېمبارگونىڭ ئۈنۈم بېرىش-بەرمەسلىكىنى كۈتۈشكە چاقىرغان. لېكىن نېتانياخۇ، ئىراننىڭ يادرو قوراللار قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىۋاتقانلىقى، دىپلوماتىيە ۋە ئېمبارگو ۋاسىتىلىرىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت