ئىسرائىلىيىنىڭ گازا رايونىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 300 ئارتۇق ئادەم ئۆلدى

ئىسرائىلىيىنىڭ گازا شەھىرىگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمى 3 كۈندىن بېرى ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۈگۈنكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا مەزكۇر ھۇجۇملاردا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئېشىپ كەتكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.12.29

يۇلتۇز گېزىتىنىڭ ئىرۇسسالېمدىن خەۋەر قىلىشىچە، بۇ 3 كۈن جەريانىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 322 گە، يارىلانغانلار 1400 گە يەتكەن.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئەزا 15 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەشكىلات ۋە دۆلەتلەر، ئىسرائىلىيىنى گازا رايونىغا قاراتقان ھۇجۇمنى توختىتىشقا قىستىماقتا.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل قىلىپ كۆرسىتىشىچە، بۇ ھەقتە بايانات بەرگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمۇن ئىسرائىلىيىنى گازا رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى دەرھال توختىتىشقا ۋە ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ مەزكۇر رايونغا ياردەمگە كىرىشىگە يول قويۇشقا چاقىرغان.

يۇقىرىقى 3 كۈن جەريانىدا، ئامېرىكا، فرانسىيە، كانادا، ياپونىيە، رۇسىيە ۋە بىر قىسىم ئافرىقا ھەمدە ئوتتۇرا شەرق ئەللىرى ئىسرائىلىيىنى گازا شەھىرىگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى توختىتىشقا چاقىرىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.