ئىسرائىلىيە خاماستىن ئەسىرگە چۈشكەن ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى قويۇپ بېرىشنى شەرت قىلدى

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارىغا چۈشۈشى نەتىجىسىدە ئىسرائىلىيە غەززە رايونىغا قاراتقان ئۈچ ھەپتىلىك ھۇجۇمىنى توختاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس ئارىسىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈش ئۈچۈن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش تېخى ئەمەلگە ئاشمايۋاتىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009-02-15
Share

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى خاماستىن ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، خاماسنىڭ مەزكۇر ئەسىرنى قويۇپ بەرگەندىلا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا تىنچلىق سۆھبىتىنى ئېلىپ بېرىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما، خاماس ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلغان ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس ئارىسىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈش ئۈچۈن دەسلەپكى شەرت غەززەگە قاتنايدىغان چېگرا ئۆتكىلىنى ئېچىۋېتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئىسرائىلىيە تەرەپ ۋەكىلى بولسا، بۇ مەسىلىدىكى سۆھبەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن خاماسنىڭ ئىسرائىلىيە ئەسىرىنى قويۇۋېتىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەر ئىسرائىلىيە تەرەپ سۆھبەت ئۈچۈن ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى شەرت قىلىشىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا. چۈنكى، خاماس بۇ شەرتكە ئىزچىل قارشى چىقىشى مۇمكىن. ئىسرائىلىيىنىڭ ئۈچ ھەپتىلىك كۈچلۈك ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 1300 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، 2000 ئەتراپىدا ئادەم يارىلانغان بولۇپ، بۇ ئەھۋاللار پەلەستىنلىكلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت