ئىسرائىلىيە ھەيئىتى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى خىتاي بىلەن مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيىنىڭ باش مىنىستىر مۇئاۋىنى موشە يائالون باشچىلىقىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن تەركىپ تاپقان بىر ھەيئەت بۈگۈن بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ھەيئەت خىتاينى ئىرانغا ئىمبارگو قويۇش پىلانىغا ماقۇل كەلتۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-02-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ھەيئەت پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئىسرائىلىيىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىكىنىڭ باياناتچىسى گاي كىۋېېتز مۇخبىرلارغا بۇ ھەيئەتنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتنى ئالاقىدار قىلىدىغان رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ۋە ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى قاتارلىق بىر قاتار خەلقئارا مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىسرائىلىيە ھەيئىتىنىڭ بۇ قېتىملىق بېيجىڭ زىيارىتى ئىككى كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ پېشقەدەم دىپلوماتىيە مەسلىھەتچىسى دەي بىنگو بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 5 دائىمىي ئەزاسىدىن بىرى بولغان خىتاي، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا ئىمبارگو قويۇش تەلىپىگە يېقىن كەلمەي، مەسىلىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەرغىپ قىلىپ كەلگەن ئىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇنداق بولۇشى ئىراننىڭ خىتاينى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان 3 - چوڭ دۆلەت شۇنداقلا خىتاينىڭ يېقىن شېرىكى بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇمۇ كېيىنكى كۈنلەردە ئامېرىكىنىڭ غەزىپىنى قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ تۇرماقتا.

بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىڭ گاڭ مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا بەرگەن جاۋابىدا ئىرانغا ئىمبارگو قويۇشقا تېخى بالدۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مەسىلىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش مەيدانىنى قايتا تەكرارلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت