ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ لىۋىيىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ قوماندانلىق ھوقۇقىنى ش ئا ئو ئە ت ئۆتكۈزۈۋالىدۇ

ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر كازافىي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان لىۋىيىدىكى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ قوماندانلىقى ش ئا ئو ئە ت غا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.03.25

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىللىئام خېيگ ش ئا ئو ئە ت نىڭ قوماندانلىقنى پات ئارىدا ئۆتكۈزۈۋېلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۈگۈن ئىتتىپاقداش ئەللەرنىڭ لىۋىيىگە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىپ، ب د ت قارارىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغانلىقىنىڭ 7‏-كۈنى. ش ئا ئو ئە ت نىڭ باياناتچىسى ئوئانا لۇنگېسكۇنىڭ بۈگۈن بريۇسسېلدا بىلدۈرۈشىچە، ش ئا ئو ئە ت لىۋىيىدە «ئوينايدىغان رولىنى مۇزاكىرە قىلماقتا ئىكەن». بريۇسسېلدىكى دىپلوماتلار ش ئا ئو ئە ت نىڭ ئۇچۇشنى چەكلەش ۋەزىپىسى ئاتقۇرۇپلا قالماي، ھەربىي ھەرىكەتنىڭ قوماندانلىقىنى پۈتۈنلەي ئۆتكۈزۈۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر نۆۋەتتىكى ھەربىي ھەرىكەتكە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ قاتنىشىشىنى ئالغا سۈرۈپ، ھەرىكەتنىڭ قانۇن ئاساسىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئارزۇ قىلماقتا. ھەربىي ھەرىكەتكە ھازىرغىچە ئەرەب دۆلەتلىرىدىن يالغۇز قاتار ئىشتىراك قىلغان ئىدى.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئەرەب بىرلەشمە ئەمىرلىكى جۈمە كۈنى ھەرىكەتكە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، 12 ئۇرۇش ئايروپىلانى ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كېلەر سەيشەنبە كۈنى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن لوندوندا يىغىن چاقىرىدۇ.

ئىتتىپاقداش كۈچلەر جۈمە كۈنى لىۋىيە ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى داۋاملىق بومباردىمان قىلدى. شۇ كۈنى فرانسىيە، لىۋىيە ھاۋا بوشلۇقىنىڭ كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لىۋىيە ھەربىي تەرەپ باياناتچىسى جۈمە كۈنى ترىپولىدىكى بىر قانچە ئاممىۋى ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن، ئامېرىكا س ن ن تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ جۈمە كۈنى رايوندىن بەرگەن خەۋىرىدە ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ترىپولى ئەتراپىدىكى ھەربىي بازىلارنى بومباردىمان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ ئارىدا ئافرىقا ئىتتىپاقى لىۋىيىلىك بىر ئۆمەك بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆتكۈنچى دەۋر پىلانى ۋە سايلام ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. لېكىن، مۇزاكىرىگە ئىسيانچىلارنىڭ قاتناشقان-قاتناشمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.