خىتاينىڭ يۈننەن ساقچىلىرى جامائەت پىكرى بېسىمى بىلەن ھەقسىزلىققا ئۇچرىغان ئايالدىن ئەپۇ سورىدى

بۇ يىل 8-سېنتەبىر كۈنى خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ يۈننەننى زىيارەت قىلغاندا، بىر ئايال ئەرزدار ۋېن جياباۋنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئالدىنى توسۇپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭدىن ياردەم سورىغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.11.23

خىتاي ساقچىلىرى ئەرزدار ئايالنى ئايالنى تۇتۇپ كېتىپ 7 كۈن قاماپ قويغان. بۇ ۋەقە مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا خىتاي توربەتلىرىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن جەمئىيەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە يۈننەننىڭ شاۋتوڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئالدىنقى كۈنى مەزكۇر ئەرزدار ئايالدىن ئەپۇ سورىغان ۋە ئۇنىڭغا شۇ چاغدا قويۇلغان 1000 يۈەن جەرىمانىنى قايتۇرۇپ بەرگەن. بۇنىڭغا ئوخشىغان ۋەقە بۇرۇنمۇ ئۈرۈمچىدىمۇ يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەرزدار ئايگۈل توختى ئۇيغۇر رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئىمىرباقىنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئالدىنى توسقانلىقى ئۈچۈن 10 كۈنلۈك قاماق جازاسىغا ئۇچرىغان.

ئايگۈل توختىدىن ھازىرغا قەدەر ھېچكىم ئەپۇ سورىمىغاننىڭ ئۈستىگە ئۇنى 18-قۇرۇلتاينىڭ ئالدىدا بېيجىڭدىن تۇتۇپ ئەكېتىپ، پەيزاۋات قاماقخانىسىغا سولاپ قويغان. ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى تېخىچە ئائىلىسىگە مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.