جاڭ چۈنشەن روزا ھېيتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىنى ھېيتلىدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەيىنلەنگەن كومپارتىيە سېكرىتارى جاڭ چۈنشەن ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىشنى باشلىغاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى ھېيتىنى ئۇيغۇرلارنى يوقلاش بىلەن كۈتۈۋالدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010.09.12

خىتاينىڭ شىنخۇئا تورىنىڭ سۈرەتلىك خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، جاڭ چۈنشەن 10 - سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرى چېقىلىپ، تارقاقلاشتۇرۇلۇش باشلانغان خېيجاسەن رايونىغا بېرىپ، ئەخەت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىنى يوقلىغان.
 
قويۇق تەشۋىقات تۈسى ئالغان مەزكۇر سۈرەتلىك خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئەسلى مارالبېشىدىن پېنسىيىگە چىقىپ بۇ يەردىن ئۆي سېتىۋېلىپ ئورۇنلاشقان ئەخەت ئىسىملىك كىشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ "شىنجاڭ خەلقىغە قىلغان چوڭ سوۋغىسىغا، 19 ئۆلكە ۋە شەھەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىغا رەھمىتى" نى بىلدۈرگەن.
 
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، جاڭ چۈنشەن ئۇيغۇر تىلىدا ئەخەتنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلىگەن. ئۇ، ئەخەتكە قىلغان سۆزىدە، "شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ياخشى ۋەزىيىتى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن قولغا كەلگەن، ھەر مىللەت ئىناق - ئىتتىپاق بولسا، شىنجاڭ پاراۋان ۋە مۇقىم بولىدۇ، ھەر مىللەت خەلقى بەختلىك ۋە تىنچ تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ" دېگەن.
 
سۈرەتتە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەڭ ئالىي باشلىقى ھېسابلانغان جاڭ چۈنشەننىڭ ئەخەتنىڭ قولىنى تۇتۇپ، كۈلۈپ ئولتۇرغان قىياپىتى نامايەن قىلىنغان.

ئەمما، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى بولسا، جاڭ چۈنشەننىڭ روزا ھېيتتا بىر قانچە ئۇيغۇرنى يوقلاپ، ئۇلارغا مۇقىملىق ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقان پەيتتە، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە ھەم ئۇنىڭدىن ئىلگىرى - كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ تۈرمىدە ئازاپ چېكىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ۋە ئاتا - ئانىلىرىنىڭ ئازاپ - ئوقۇبەت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.