جاڭ چۈنشيەن ئۇيغۇر رايونىنىڭ 8-نۆۋەتلىك پارتكوم سېكرېتارلىقىغا قايتا «سايلاندى»

خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومى بۈگۈن 8-نۆۋەتلىك 1-ئومۇمى يىغىنىنى ئېچىپ، پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15 نەپەر ئەزاسى ۋە پارتكوم سېكرېتارلىرىنى بېكىتىپ چىقتى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011-10-31
Share

ئاتالمىش سايلامدا جاڭ چۈنشيەن يەنە باش سېكرېتارلىققا، نۇر بەكرى، چې جۈن ۋە خەن يۇڭلار مۇئاۋىن سېكرېتارلىققا قايتا سايلاندى. دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15 نەپەر ئەزاسى ئىچىدە ئۇيغۇرلاردىن ئەركىن تۇراخۇن، شاۋكەت ئىمىن ۋە كۈرەش مەخسۇتمۇ بار.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئومۇمى يىغىنغا رايونلۇق پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلغان. جاڭ چۈنشيەن يىغىندا سۆز قىلىپ، «ھەممە ئىشتا خەلقنى ئويلاش، ھەممە ئىشتا خەلققە تايىنىش» قاتارلىق خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قەدىمىي شوئارلىرىنى تەكرارلىغان. ئۇ يەنە سۆزىدە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر يىغىننىڭ شەكلىدىن مەزمۇنىغا قەدەر ھېچقانداق بىر يېڭىلىق ئەكس ئەتمىگەن بولۇپ، بۇ، ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومنىڭ ئالدىمىزدىكى يىللاردا رايوننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى بولۇپمۇ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئوڭلاش ئۈچۈن ھېچقانداق بىر ئىجابىي قەدەم باسمايدىغانلىقىدىن بېشارەت دەپ قارالماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت