جاڭ چۈنشيەن ئۇيغۇر ئېلى پارتكوم سېكرېتارلىقىدىن ئايرىلىپ بېيجىڭغا يۆتكەلدى

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيى 14-نويابىر كۈنى رەسمىي ئاياغلاشتى. 15-نويابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتىنىڭ تىزىملىكىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ دەرىجىسى ئۆسۈپ، مەركىزى سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزاسى بولغان.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-11-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ نۆۋەت جاڭ چۈنشيەنگە ئوخشاشلا سىياسىي بيۇرو ئەزالىقىغا تاللانغان شەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم سېكرېتارى جاۋ لېجۈن بولسا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارلىقىغا بەلگىلەنگەن.

2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى سابىق سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننى سىياسىي بيۇرو ئەزالىغا ئۆستۈرۈپ مەركەزگە يۆتكەپ كەتكەندىن كېيىن ، ئەسلىدىكى خۇنەن ئۆلكىسى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننى ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەپ كەلگەن ئىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، قىسقىغىنە ئۈچ يىل ئىچىدە جاڭ چۈنشيەننىڭ دەرىجىسىنىڭ بۇنداق تېز ئۆسۈشى شۇنداقلا يەنە ئوخشاش بىر سىياسىي بيۇرو ئەزاسى جاۋ لېجۈننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارلىقىغا تەيىنلىنىشى مەركىزى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە قاتتىق دىققەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

سىياسىي بيۇرو ئەزاسى جاۋ لېجۈن شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىدىن بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى چىڭخەي ۋە شەنشى ئۆلكىلىرىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت