خىتاي جەنۇبىي كورىيىنىڭ ئىرانغا ئىمبارگو قويۇشىنى ئەيىبلىدى

خىتاي بۈگۈن جەنۇبىي كورىيىنىڭ ئىرانغا ئىمبارگو قويغانلىقىنى ئەيىبلىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ بۈگۈنكى باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەممە دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا قارار ئېلىشىنى قارشى ئالمايدىغانلىقىنى، مەسىلىنى دىپلوماتىك يول بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.09.09

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 6- ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىرانغا 4- قېتىملىق ئىمبارگو پىلانىنى يولغا قويغاندىن كېيىن ئامېرىكا ۋە شۇنداقلا ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەر ھەر قايسىسى ئۆز ئالدىغا ئىرانغا يەنە قوشۇمچە ئىمبارگو قويغان ئىدى.

يېقىندا جەنۇبىي كورىيىمۇ ئىرانغا ئۆز ئالدىغا قوشۇمچە ئىمبارگو قويغانلىقىنى، 102 ئىران شېركىتى بىلەن 24 ئىران پۇقراسىنى قارا تىزىملىككە ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، جەنۇبىي كورىيە يەنە ئىراننىڭ تەبىئىي گاز ۋە نېفىت سانائىتى قۇرۇلۇشىغا سالغان مەبلەغلىرىنى ئازايتقان بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئىراندىن جەنۇبىي كورىيىگە كېلىدىغان ماللار تېخىمۇ چىڭ تەكشۈرۈلىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە باشتىن ‏- ئاخىر مەسىلىنى دىپلوماتىك يول بىلەن ھەل قىلىشنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينى خەلقئارادىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي پۇرسەتپەرەسلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. تۈنۈگۈن مەركىزى ئاگېنتلىقى خىتاينىڭ يېقىندا ئىران بىلەن 2 مىليارد دوللارلىق تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى كېلىشىمى ئىمزالايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.