99% جەنۇبىي سۇدانلىق مۇستەقىللىققا ئاۋاز بەرگەن
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011.01.23
2011.01.23
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رېفېرېندۇمغا قاتناشقان ئۈچ مىليون 800 مىڭ ئادەم ئىچىدە پەقەت 45 مىڭ ئادەملا جەنۇبىي سۇدان داۋاملىق تۈردە شىمالنىڭ تەركىبىدە قېلىشى لازىم دەپ ئاۋاز بەرگەن. بىراق، مەزكۇر رېفېرېندۇمنىڭ ئاخىرقى خۇلاسىسى پەقەت سەيشەنبە ئېلان قىلىنىدىكەن.
جەنۇبىي سۇدان ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا رەسمىي مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشقا قارار قىلغان بولۇپ، شىمال تەرەپ رېفېرېندۇم نەتىجىسىنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شۇنداق قىلىپ، ئاممىۋى ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق يەنە بىر يېڭى مۇستەقىل دۆلەت دۇنياغا كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا.