ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە جەنۇبىي دېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارماقچى

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىلىرى شەنبە كۈنى جەنۇبىي دېڭىزدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارماقچى ئىكەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.07.08

ھەربىي مانېۋىرنىڭ خىتاي ئىگىلىك ھوقۇق داۋاسى قىلىۋاتقان رايوندا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى جۈمەكۈنى تەمىنلىگەن مانېۋىر ھەققىدىكى ئاخباراتىدا ياپونىيە دېڭىز مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ مانېۋىرغا بىر چارلىغۇچى پاراخوت ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ يۇقىرىقى ئۈچ دۆلەتنىڭ خىتاي ئىگىلىك ھوقۇق داۋاسى قىلىۋاتقان بۇ رايوندا تۇنجى قېتىم ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىشىدۇر. خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا جانىجان مەنپەئەتى بارلىقىنى ئېلان قىلغان. بىراق ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىنى رەت قىلىپ، بۇ رايوننىڭ ئامېرىكا بىخەتەرلىك مەنپەئەت دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخباراتىدا «مانېۋىر ياپونىيە دېڭىز قوغدىنىش كۈچلىرىنىڭ قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە مانېۋىرغا قاتنىشىدىغان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە قارىتىلغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاقىم ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق داۋاسى خىتاي بىلەن ۋيېتنام، فىللىپىن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن ئىدى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى بىلەن فىللىپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالبېرت دېل روسارىئو جۈمە كۈنى بېيجىڭدا كۆرۈشۈپ، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا كېلىشكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.