خىتاي دائىرىلىرى جياڭ زېمىن ھەققىدىكى تور مۇنازىرىلىرىگە چەكلىمە قويدى
جياڭ زېمىننىڭ 90 يىللىققا قاتنىشالمىغانلىقى ۋە بۇنىڭ سەۋەبى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەمدە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان ئىدى. جۈمە كۈنكى چاي زىياپىتىگە جياڭ زېمىندىن سىرت كومپارتىيىنىڭ قېرى- چۆرە، سادىق ۋە سابىق رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسى قاتناشقان. خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۈگۈنكى خەۋەرلىرىدە ئۇنىڭ بېيجىڭ 301-ھەربىي دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
كۆزەتكۈچىلەر، گەرچە جياڭ زېمىن بۇنىڭدىن 9 يىل بۇرۇن ئارامغا چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ پارتىيە ۋە ھەربىيدىكى تەسىر كۈچى ھازىرغا قەدەر مەۋجۈتلۇقىنى بىلدۈرمەكتە. خوڭكوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 3-چېسلا 301-دوختۇرخانىغا جياڭ زېمىننى يوقلاپ بارغان ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ كۆپلۈكى مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
جياڭ زېمىن خىتاي ئىسلاھات يولىغا ماڭغان يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان ئەڭ سەزگۈر دەۋردە ھاكىمىيەت سورىغان شەخس. ئۇنىڭ دەۋرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى تۈپ ئۆزگىرىش ياساپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىشكە يۈزلەنگەن.
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 1996-يىلى چىقارغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش توغرىسىدىكى «7-نومۇرلۇق ھۆججىتى» ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە چىقىرىلغان ئىدى. تور ساقچىلىرى خىتاي تور بەتلىرىدە باشلانغان جياڭ زېمىن ھەققىدىكى بەس-مۇنازىرىغا چەكلىمە قويغان.