خىتاي نېفىت دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە زور مىقداردا نېفىت زاپىسى تاپقانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي نېفىت دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە زور مىقداردا نېفىت زاپىسى تاپقان. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى نېفىت شىركىتى، "جۇڭگو نېفىتى" گۇرۇھىنىڭ تور بېتىدە بېرىلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.10.11

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ خەۋەردىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، نېفىت زاپىسى جۇڭغار ئويمانلىقىدىن تېپىلغان. مەزكۇر نېفتلىكنىڭ ئومۇمىي زاپاس مىقدارى 10 مىليون توننىغا يېتىدىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ نۆۋەت يېڭىدىن بايقالغان نېفىت ئىنتايىن يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇپ، ھازىر بار قۇدۇقلاردىن پايدىلىنىپ، يىلىغا 1 مىليون توننا نېفىت ئىشلەپچىقىرىشقا بولىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، جۇڭغار ئويمانلىقىدا 8 مىليارد 600 مىليون توننا نېفىت ۋە 2 تىرىليون كۇب مېتىردىن ئارتۇق تەبىئىي گاز زاپىسى بارلىقى مۆلچەرلەنگەن.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.