جاڭ چۈنشەننىڭ كەچلىك بازار زىيارىتىدىكى ساختىلىق ئاشكارىلاندى

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ 5-ئىيۇل كۈنىدىكى خەۋىرىدە دۈشەنبە كۈنى كەچتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەننىڭ ئۈرۈمچى داۋان كېچىلىك بازىرىغا كېلىپ، كەچلىك بازاردا تىجارەت قىلىۋاتقان تىجارەتچىلەر ھەم ئاممىدىن ھال سورىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011-07-05
Share

خەۋەردە جاڭ چۈنشەننىڭ كەچلىك بازاردا كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە پىۋا ئىچىپ مۇڭداشقانلىقى بايان قىلىنىپ، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىككى يىلدىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىدە تىنچ، ئىتتىپاق، تەرەققىيات ۋەزىيىتى شەكىللەنگەنلىكى مەدھىيىلەندى.

ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلار ھەم رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن جاڭ چۈنشەننىڭ كەچلىك بازاردىكى زىيارىتى ئالدىنالا تەييارلانغان ساختا كۆرۈنۈش ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جاڭ چۈنشەننىڭ كەچلىك بازار زىيارىتىدىن ئىلگىرى، ساقچى دائىرىلىرى داۋان بازاردىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىگە قارىتا قاتتىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، داۋان بازىرى ئەتراپىدىكى بەيگە مەيدانى قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدە نازارەتنى كۈچەيتىپ، كەچلىك بازارنى قامال قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ساقچىلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالىمىغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىدىن 9 تىجارەتچىنىڭ شۇ كۈنى كېچىدىكى تىجارىتى توختىتىپ قويۇلغان. بۇ جەرياندا ساقچىلار بىلەن تىجارەتچىلەر ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بېرىپ، بىر نەپەر ئۇيغۇر ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

ئۈرۈمچى شەھىرىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى كۈندىن بۇيان ساقچى دائىرىلىرى نۇقتىلىق ھالدا بەيگە مەيدانى ھەم دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا قاراتقان نازارەتنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇ رايونلاردا قوراللىق ساقچىلاردىن باشقا، پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار تېخىمۇ كۆپەيتىلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت