خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتايدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي دائىرىلىرىدىن ھەر يىلى ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغان ۋە ئىجرا قىلىنغانلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012-03-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي 2011-يىلى يەنىلا دۇنيادىكى كىشىلەر ئەڭ كۆپ ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغان ۋە ئىجرا قىلىنغان دۆلەتلىك ئورنىنى ساقلاپ قالغان. ئۇنىڭ شۇ يىلى ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇغان ئادەم سانى دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي سانىدىن كۆپ.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغانلارنىڭ نەچچە مىڭغا يېتىدىغانلىقى، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» دەپ قارىغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئېنىقلاشقا مۇمكىنچىلىك بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى سالىل شەتى ئەسكەرتىپ:2011-يىلى دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەردە ئىجرا قىلىنغان ئۆلۈم جازالىرى ئېنىق بولسىمۇ، بىراق خىتاي دائىرىلىرى ئۆلۈم جازاسىنى داۋاملىق مەخپىي تۇتقاچقا، بۇ ئۇنىڭ 2007-يىلدىن بۇيان ئۆلۈم جازاسى كۆرۈنەرلىك ئازايغانلىقى ھەققىدىكى بايانلىرىنى ئىسپاتلاشقا توسالغۇلۇق قىلدى، دېگەن.

بىراق خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى يەنە، خىتاي مىكرو بلوگ ۋە ئىجتىمائىي تور ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە ئۆلۈم جازاسى ھەققىدىكى بەس مۇنازىرە كۈچىيىپ، خىتاي دائىرىلىرىگە جىددىي بېسىم پەيدا قىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان بىر يۈزلىنىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر دوكلاتى دەل خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەردە 28-فېۋرال قاغىلىق «يېڭى بازار ۋەقەسى» گە قاتنىشىپ، تىرىك تۇتۇلۇپ قالغان ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇكېرىم مامۇتنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغان ئوخشاش بىر كۈندە ئېلان قىلىنغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت