خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى خاتىرىلەتتى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ياۋروپا كومىتېتىنىڭ پرېزىدېنتى باروسسودىن خىتاي مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشكەندە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.01.30

باروسسو بىلەن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ جۈمە كۈنى بېلگىيە پايتەختى بريۇسېلدا كۆرۈشۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تىبەت روھانىي داھىسى دالاي لامانى كۈتۈۋالغانلىق سەۋەبىدىن بىكار قىلىنغان خىتاي ‏ - ياۋروپا باشلىقلار سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2008 ‏ - يىلقى رەئىس دۆلىتى، فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي پولشادا دالاي لاما بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن 2008 ‏ - يىلى 12 ‏ - ئايدا ئۆتكۈزىدىغان باشلىقلار يىغىنىنى بىكار قىلغان ئىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باروسسوغا خەت يېزىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن كۈچلۈك مۇناسىۋەت قۇرۇشنى قوللايدىغانلىقىنى، لېكىن بۇ مۇناسىۋەت ئۆز ‏ - ئارا ھۆرمەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە سەمىمىي بولۇش ئۈستىگە قۇرۇلۇشى لازىم، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باروسسو جۈمە كۈنى ۋېن جياباۋ بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ،" بىز بۈگۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى باشلىقلار يىغىنىنى پات ئارىدا چاقىرىشنى قارار قىلدۇق " دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. ۋېن جياباۋ بولسا ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت تەرەپلەر ئارىسىدىكى "ئۆز ‏ - ئارا ئىشەنچىنى" ئاشۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىككى تەرەپ ئىقتىسادى ۋەزىيەت ۋە پۇل - مۇئامىلە كرىزىسنى مۇزاكىرە قىلغان بولۇپ، خىتاي ئۆزىنىڭ ئېغىر رىقابەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئىشسىزلىق بۇ رىقابەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن شۇنداقلا بۇ مەسىلىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىشىپ ھەل قىلىش ئۈمىدى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.