ھىللارى كلىنتون ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيە سۆھبىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىللارى كلىنتون خانىم 23 - ماي كۈنى ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيە سۆھبىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010-05-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كلىنتون خانىم ۋە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى گېيتنەر قاتارلىقلار 24 - 25 - ماي كۈنلىرى خىتاي تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. كلىنتون خانىم 22 - ماي كۈنى شاڭخەيدە توختىغاندا، دۇنيا سودا يەرمەنكە ئورنىنى زىيارەت قىلغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەردىن باشقا سىياسىي مۇناسىۋەت مەسىلىلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

بۇلارنىڭ ئىچىدە كورىيە يېرىم ئارىلى مەسىلىسىمۇ بار. خىلارى كلىنتون سۆزىدە خىتاينى "ئامېرىكا بىلەن تېخىمۇ تەڭپۇڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت" ئورنىتىشقا ئۈندەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت