ھىلارىي كلىنتون خانىم شەنبە كۈنى خىتايغا باردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم شەنبە كۈنى خىتايغا بېرىپ، خىتاي دۆلەت ئىشلار مەسلىھەتچىسى دەي بىڭگو بىلەن كۆرۈشكەن. دەي بىڭگو خىتاي دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، خىتايدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق دىپلوماتلارنىڭ بىرى ئىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯘﻣﻪ
2010.10.30

كلىنتون خانىم ۋيېتنام پايتەختى خانويدا چاقىرىلغان ئاسىيا ئەللىرى ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدىن كېيىن خىتايغا بارغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇچۇرۇشۇش خەينەن ئارىلىدىكى بىر ئايرودرومنىڭ مۇھىم ئەربابلارنى كۈتۈش زالىدا ئېلىپ بېرىلغان.

كلىنتون خانىم شەنبە كۈنى ئەتىگەندە ۋيېتنام پايتەختى خانويغا يىغىنغا كەلگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى بىلەن كۆرۈشكەن. مەلۇم بولۇشىچە، كلىنتون خانىم ۋە ياڭ جيېچى، خىتاينىڭ سىيرەك توپا سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان دىپلوماتىيە مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەن.

كلىنتون خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياڭ جيېچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىيرەك توپا ئېكسپورتىنى توختىتىپ قويۇش نىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، كلىنتون خانىم بىلەن دەي بىڭگو ئارىسىدىكى ئۇچرىشىشتا نېمىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.

خەۋەرلەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئۇلارنىڭ يەنىلا سىيرەك توپا مەسىلىسى، بىر قىسىم ئاسىيا ئەللىرى ئارىسىدا كېلىپ چىققان دېڭىز تەۋەلىكى دەتالىشى قاتارلىقلار ئۈستىدە سۆھبەتلىشىشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.