كوفى ئاننان سۈرىيە مەسىلىسى ئۈچۇن كېلەر ھەپتە خىتايغا بارىدۇ

ئەرەبلەر ئىتتىپاقنىڭ ئاھالىدە تەيىنلەنگەن ئەلچىسى كوفى ئاننان كېلەر ھەپتە خىتاي ۋە رۇسىيىگە بېرىپ سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارماقچى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012-03-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئالدىنقى كۈنى ئانناننىڭ باياناتچىسى بۇنى جاكارلىغان ئىدى. بۈگۈن خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بۇنى دەلىللىدى ۋە ئانناننىڭ سەيشەنبە ۋە چارشەنبە كۈنلىرى خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاننان شەنبە كۈنى موسكۋاغا قاراپ يولغا چىققان،ئۇ موسكۋادا روسىيە پرېزىدېنتى دىمتېري مېدۋېدېۋ ۋە تاشىقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگي لوۋروف بىلەن كۆرۈشىدۇ.

رۇسىيە بىلەن خىتاي سۈرىيىنىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولۇپ، ئوتكەن ئايدا ب د ت دا سۈيىگە قارشى ئالغان جازا تەدبىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى بۇ ئىككى دۆلەت توسۇپ قويغان.

شۇندىن كېيىن بەشىر ئەل ئەسئەد ھاكىمىيىتى ئۆكتىچى كۈچلەرگە قارىتىلغان باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان سۈرىيىدە 8 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ باستۇرۇش جەريانىدا ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت