سۈرىيە كوفى ئانناننىڭ تىنچلىق پىلانىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى

بۈگۈن سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئالاھىدە ئەلچى كوفىي ئانناننىڭ تىنچلىق پىلانىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-03-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەزكۇر پىلان پرېزىدېنت ئەسەدنىڭ ئاھالىلەر رايونىدىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشى، ھەر كۈنى ئەڭ ئاز دېگەندە ئىككى سائەت خەلققە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلىش ۋە قولغا ئېلىنغان ئىسيانچىلارنى قويۇپ بېرىشكە ئوخشاش 6 ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ پىلان بۇندىن ئون كۈن ئىلگىرى ئەسەدكە تاپشۇرۇلغان ئىدى.

مەزكۇر پىلاندا، ئەسەد ھۆكۈمىتىگە بەلگىلىك بىر ۋاقىت بەلگىلەنمىگەن ياكى ئەسەد ئىستىپاغا چاقىرىلمىغان. ئەمما كوفى ئاننان ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىدىكى تەلەپلەرنى ئورۇندىشى ئۈچۈن ھەر تەرەپلىمىلىك ئىش بىرلىكىنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كوفى ئاننان پىلاننى قوللىشى ئۈچۈن رۇسىيە ۋە خىتايدا زىيارەت ئېلىپ بارغان ئىدى. ب ب س نىڭ ئېيتىشىچە، ھەر ئىككىلا دۆلەت ئانناننىڭ تىنچلىق پىلانىغا ئىجابىي پوزىتسىيە بىلدۈرگەن بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر، بۇنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىدىكى قارارنى چىقىرىشىغا سەۋەب بولغان بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا. چۈنكى مېدىۋېدېۋ ئۇچرىشىشتىن كېيىن قىلغان سۆزىدە كوفى ئانناننىڭ تىنچلىق پىلانىنى تامامەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «چۈنكى، بۇ سۈرىيىنى ئايىغى چىقمايدىغان قانلىق ئۇرۇشتىن ساقلاپ قالىدىغان ئاخىرقى پۇرسەت» دېگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت