كورىيە يېرىم ئارىلىدا ۋەزىيەت جىددىيلەشمەكتە
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتى ميۇڭ باك ۋەقەگە "ياۋۇزلارچە ئېلىپ بېرىلغان قىلمىش" دەپ باھا بەرگەن ۋە شىمالىي كورىيىدىن خاتالىقىنى بوينىغا ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان.
شىمالىي كورىيە دائىرىلىرى بولسا ئەيىبلەشنى ئاساسسىز دەپ رەت قىلىش بىلەن بىرلىكتە يەنە، ئەگەر جەنۇبىي كورىيە بۇنىڭغا قارىتا بىر جازا تەدبىر قوللانغان تەقدىردە، شىمالىي كورىيىنىڭ ئۇرۇش بىلەن جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ھەربىي پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كېتىش سەۋەبىنى شۋېتسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن مۇتەخەسسىسلەر تەكشۈرۈپ دوكلات تەييارلىغان. بۈگۈن ئامېرىكا ۋەقەگە "تاجاۋۇزچىلىق ھۇجۇمى" دەپ باھا بەردى ۋە شىمالىي كورىيىنى 1953 - يىلىدىكى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش سېكرېتارى باك كىمۇن ۋەقەگە دائىر ئىسپاتلارنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
جەنۇبىي كورىيىگە تەۋە ھەربىي پاراخوت چۆكتۈرۈۋېتىلگەن دېڭىز رايونى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن چېگرا دەپ بەلگىلەنگەن جاي بولۇپ، شىمالىي كورىيە بۇ چېگرىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقتىن 1999 - يىلىدىن بېرى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئوخشاش رايوندا 3 قېتىم توقۇنۇش مەيدانغا كەلگەن ئىدى.