خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستىرى لى پېڭنىڭ تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ۋەقەسىگە ئائىت كۈندىلىك خاتىرىسى نەشر قىلىندى

خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستىرى لى پىڭنىڭ تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ۋەقەسىگە دائىر كۈندىلىك خاتىرىسى بۈگۈن ئامېرىكىدا كىتاب بولۇپ نەشردىن چىقتى. مەزكۇر كۈندىلىك خاتىرىنى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ۋەقەسىنىڭ لىدىرلىرىدىن بىرى بولغان جېڭ سۈنجۇ نەشرگە سۇنغان.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.06.24
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

بۇ كۈندىلىك خاتىرە ئەسلىدە خوڭكوڭدا نەشر قىلىنماقچى بولغان. ئەمما نەشرىيات كېيىن كىتابنى نەشر قىلىشتىن ۋاز كەچكەن. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نەشرىيات باشلىقى باۋ پۇ دەسلەپ كىتابنى نەشر ھوقۇقى مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئېلان قىلىشىنى توختاتقانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ سەيشەنبە كۈنىدىكى سۆزىدە بىر قانچە ناتونۇش كىشىنىڭ كوچىدا ئالدىنى توسىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى لىدىرى جېڭ سۈنجۇ كىتابنىڭ خوڭكوڭدىكى كىتابخانىلاردىن ئورۇن ئالالمىغانلىقىدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، كىتابتا ئەينى چاغدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرۇش قارارىنى قانداق ئالغانلىقى ۋە كىمنىڭ نېمە دېگەنلىكىگە دائىر بەزى مەلۇماتلار يەر ئالغان ئىكەن. لى پېڭ خاتىرىسىدە ئەينى ۋاقىتتا خىتاينى زور بىر قالايمىقانچىلىقتىن قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنى باستۇرۇشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.