لىۋىيە قوزغىلاڭچىلىرى ئاخىرقى ئۇرۇش باسقۇچىغا كىردى
شەرق تەرەپتىكى ئىسيانچى كۈچلەر ھازىر بۇ شەھەر ئەتراپىغا توپلىنىۋاتقان بولۇپ، چۈنكى باكنى ۋالىد شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قۇملۇق رايونى كازافىي كۈچلىرىنىڭ مۇھىم تايانچ بازىسى بولۇپ، بۇ جايلار ھازىرغا قەدەر كازافىي كۈچلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرماقتا.
رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسيانچى كۈچلەر كازافىينىڭ بۇ جايدىكى كۈچلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇش توختىتىشى ۋە تىنچلىق بىلەن تەسلىم بولۇشىنى دەۋەت قىلغان.
كازافىينىڭ ئىككى ئوغلى ترىپولىدا يېڭىلگەندىن كېيىن بۇ جايغا قېچىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ جاينى بازا قىلىپ، قارشىلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەگەردە ئىسيانچىلار بىلەن كازافىي تەرەپدارلىرى ئارىسىدىكى سۆھبەت نەتىجە بەرمىسە، ئىسيانچى كۈچلەر شەھەرگە ئومۇمىي ھۇجۇم باشلايدىكەن. بىراق، رويتېرسنىڭ يېزىشىچە لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ كېلىشتۈرگۈچىسى ماھمۇد ئابدۇل ئازىل شەنبە كۈنى سۆھبەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى، كازافىي تەرەپدارلىرىنىڭ ئويلىنىشقا كۆپرەك ۋاقىت بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ھەمدە قوزغىلاڭچىلار تەرەپنىڭ ئۇلارغا كۆپرەك ۋاقىت بېرىشكە قوشۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
بانى ۋالىدنىڭ تەقدىرى بەلكى لىۋىيە قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ھەتتا، ھازىر كازافىينىڭ بۇ جايغا يوشۇرۇنغانلىقى ئېھتىماللىقىمۇ پەرەز قىلىنماقتا. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى كازافىينىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش جەريانى ۋە يېقىندىن بۇيانقى ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى بويىچە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقى جىنايىتى بىلەن خەلقئارا سوتقا تارتىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.