خىتاي تەتقىقاتچىلىرى لوپنۇر كۆلىنىڭ 1962 ‏ - يىلى پۈتۈنلەي يوقاپ كەنكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قارمىقىدىكى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى قەدىمقى كروران مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولغان لوپنۇر كۆلىنىڭ 1962 ‏ - يىلى پۈتۈنلەي قۇرۇپ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2008.12.26

شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە ئىنستىتۇتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان مەزكۇر باياناتى لوپنۇر كۆلىنىڭ قۇرۇپ كەتكەنلىك تارىخىنى 10 يىل ئالدىغا سۈرگەن. ئىلگىرى تەتقىقاتچىلار لوپنۇر كۆلىنىڭ 1972 ‏ - يىلى پۈتۈنلەي قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى، قۇرۇپ كېتىشكە تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى توغراقلارنىڭ كېسىلىشى، قۇملۇقنىڭ يىمىرىلىشى، تارىم دەرياسى ئۈستۈنكى ئېقىمىدا بىڭتۈەن سۇ ئامبارلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

لېكىن شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى شيا شۈنچاڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا بەرگەن بۇ مەسىلە ھەقتىكى باياناتىدا كۆلنىڭ " ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە قۇرۇپ كەتكەنلىكى ۋە ئىنسان پائالىيىتىنىڭ بۇ جەرياننى تېزلەتكەنلىكى"نى بىلدۈرگەن.

لوپنۇر كۆلى تەكلىماكان بىلەن قۇرۇقتاغ چۆللىكىنىڭ ئارىسىدا جايلاشقان بولۇپ، ئۇيغۇر تارىخشۇناسلار بۇ جاينى " ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنىڭ بۆشۈكى"، دەپ قارىماقتا ئىدى. چۈنكى يىپەك يولىدىكى مەشھۇر كروران شەھىرى ۋە كروران مەدەنىيىتىنىڭ ھايات پائالىيىتى لوپنۇر كۆلىگە تايىناتتى.

كروران شەھىرى تارىم ئويمانلىقى ئومۇمى يۈزلۈك تۈركلىشىشتىن بۇرۇنلا تاشلىنىپ كەتكەن. بەزى تارىخشۇناسلار كروران شەھىرىنىڭ خاراب بولۇشى لوپنۇر كۆلى ۋە لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلىدىغان دەريا ئېقىمىنىڭ ئورۇن ئۆزگەرتكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. لوپنۇر كۆلى ۋە كروران خارابىلىقى 20 ‏ - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دۇنيا ئىلىم ساھەسىنى دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.