لخاسادا بىر تۈركۈم تىبەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نامايىش قىلغان

پەيشەنبە كۈنى لخاسادا بىر قىسىم تىبەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئالدىدا توپلىنىپ، تىبەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىشتا كەمسىتىشكە ئۇچراش ئەھۋالىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.09.04

نامايىشچىلارنىڭ سانى 100 ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلار شىزاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنى خىزمەت تاپالمىغان ئىشسىز ياشلار ئىكەن. نامايىشتا نامايىشچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆز نارازىلىقىنى جىم ئولتۇرۇۋېلىش شەكلىدە ئىپادىلىگەن.

نامايىشچىلارنى ساقچىلار قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئالغان ۋە ئاخىرىدا ئەرزىيەت ئىشخانىسىغا مەجبۇرى ئېلىپ بېرىپ ئەرز - شىكايىتىنى ئاڭلىغان. نامايىشچىلار ئەرز - شىكايىتىنى بايان قىلىپ بولغاندىن كېيىن تارقىلىپ كەتكەن.

رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، مەزكۇر ياشلار بىرقانچە كۈننىڭ ئالدىدا، ئەرزىيەت ئورگانلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت تېپىشتا كەمسىتىشكە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە ئەرز سۇنغان. ئەرزىگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تاپالمىغاندىن كېيىن، بۇ قېتىمقى نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، شىزاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى، بۇ نامايىشقا جىددىي كۆڭۈل بۆلۈپ، ۋەقەنى چوڭايتىۋەتمەسلىككە تىرىشقان. ئۆتكەن يىلقى 5 ‏ - ئىيۇل ۋەقەسىدىمۇ دەسلەپتە نامايىشچىلار، خەلق ھۆكۈمىتى ئالدىدا جىم ئولتۇرۇۋېلىش شەكلىدە نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئەمما خىتاي تەرەپ شۇ قېتىم ئۇلارنىڭ تەلىپىگە قۇلاق سالمىغاننىڭ ئۈستىگە تۇتقۇن قىلغان ۋە زوراۋانلىق قىلغىنى ئۈچۈن، نامايىش قانلىق بىر ۋەقەگە ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.