لخاسادا تىبەتلىك ياشلار نامايىش قىلىپ، تىبەت مىللىي تىبابەتچىلىرىگە ئايرىلغان شتاتنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلدى

تىبەت مىللىي تىبابەتچىلىك كەسپىنى پۈتتۈرگەن يۈزدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلار ئۆتكەن ھەپتە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن تىبەت مىللىي تىبابەتچىلىك كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا خىزمەت شتاتىنى كۆپەيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-09-06
Share

بېيجىڭدىكى تىبەت يازغۇچىلىرىدىن ۋېيسېرنىڭ شەخسى تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نامايىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، دائىرىلەر قارا ۋە كۆك كىيىملىك نۇرغۇن ئامانلىق كۈچلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، قولىدا خىتاي دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلارنى قورشىغان ھەم ئۇلارنى ھۆكۈمەتنىڭ ئەرزىيەت ئىشخانىسىغا مەجبۇرىي يۆتكەپ كەتكەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ 2008‏ - يىلى لخاسادا نامايىش يۈز بېرىپ باستۇرۇلغاندىن بۇيان، تىبەتلەرنىڭ تۇنجى قېتىم ئېلىپ بارغان كۆلىمى بىر قەدەر چوڭراق نامايىشلىرىدىن بىرى ئىكەن.

خەۋەردە، نامايىشچىلار ئەرزىيەت ئىشخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئىشخانا مۇدىرى نامايىشچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ تەلىپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن نامايىشچىلارنىڭ تارقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بەزى ئانالىزچىلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ لخاسادا نامايىش قىلغان تىبەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارنى تىنچ تارقىتىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەرنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىدە نامايىش قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئالدىغا بارغان ئۇيغۇرلارغا پۈتۈنلەي باشقىچە پوزىتسىيە تۇتقانلىقىنى، ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلىپ، ئۇيغۇر نامايىشچىلارنى باستۇرغانلىقىنى، بۇ ئۇيغۇر - خىتاي ئارىسىدىكى توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
 
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 31 - ئاۋغۇست كۈنى ھۆججەت چۈشۈرۈپ، تىبەت مىللىي تىبابەتچىلىك كەسپىنى ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەقەت 17 % نى خىزمەتكە قوبۇل قىلىشنى قارار قىلغان. بۇ قارار مىللىي تىبابەتچىلىك كەسپىنى ئوقۇغان قالغان 83 % تىبەتلىك ياشنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، يۇقىرىقى نامايىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

 
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت