نوبېل ساھىبلىرى مەكتۇپىدا، خىتاينىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇلتۇر ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغان چېغىدا، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە قىلىشقا تېگىشلىك كۆپ ئىشلىرى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى، خاتالىقنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ ئۆزى كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە ئەمەلىي ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، شى جىنپىڭنى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرى ھەققىدە ئەمەلىي قەدەم بېسىشقا چاقىردى.
مەكتۇپتا يەنە، دۇنيانىڭ نەرىدە پىكىر ئەركىنلىكى چەكلىمىگە ئۇچرىسا شۇ جايدا ئىجادچانلىق ۋە تەرەققىياتنىڭمۇ توسالغۇغا ئۇچرايدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، شى جىنپىڭنى ھېچ بولمىسا تەرەققىياتقا توسالغۇ بولماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.
خىتايچە ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، شى جىنپىڭغا خەت يازغان نوبېل ساھىبلىرى ئىچىدە، تىبەت دىنىي داھىيسى دالاي لاما، ئامېرىكىلىق داڭلىق ئايال يازغۇچى تونۇي موررىسونمۇ بار.